خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىنىڭ بۇلغىنىش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولغان جىلىن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋاڭ ۋېينىڭ جەسىتى سەيشەنبە كۈنى ئۆيىدە بايقالدى. ئەمما يەرلىك مەتبۇئاتلار تېخى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرمىدى.
ئۇنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە تۈرلۈك ئېيتىشلار بار. جىلىندىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار رويترىس ئاگېنتلىقىغا، ۋاڭ ۋېينىڭ ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلتۈرىۋالغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي دۆلەت كابىنېتى خىتاي نېفىت شىركىتى جىلىن نېفىت خىمىيە زاۋۇتىدىكى پارتلاش ۋە سۇڭخۇاجياڭنىڭ بۇلغىنىشى ۋەقەسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىغان. سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللىگەن. بۇ گۇرۇپپا چارشەنبە كۈنى جىلىندا تەكشۈرۈش ئېلىپ باراتتى. دەل مۇشۇنداق سەزگۈر پەيتتە، جىلىننىڭ مۇھىت ئاسراش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋاڭ ۋىينىڭ تۇيۇقسىز ئۆلگەنلىك خەۋىرى تارقالغانلىقى، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
خەۋەرگە قارىغاندا، سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىلىن نېفىت خىمىيە زاۋۇتىدىكى پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، 43 ياشلىق ۋاڭ ۋېي نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا قاتناشقان. ۋەقەنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئۇ مەتبۇئاتلارغا ئوتنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكى، پارتلاشنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئەسكەرتكەن. ئەمما ئون كۈندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى سۇڭخۇاجياڭ دەرياسى سۈيىنىڭ زەھەرلىك ماددا بىلەن بۇلغانغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، بۇ سەۋەبتىن سۇڭخۇاجياڭ دەرياسى سۈيىگە تايىنىدىغان خاربېن شەھىرىنىڭ تۇرۇبا سۈيى تۆت كۈن توختىتىلغان ئىدى. (ئارزۇ)