خىتايدا سوراق جەريانى سىنئالغۇغا ئېلىنىدىكەن
2006.05.16
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، سوراق جەريانىدا تەن جازاسىئىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي ساقچىلارنى قاتىللىق ۋە تەشكىللىك جىنايەت گۇماندارلىرىنى سوراققا تارتىش جەريانىنى سىنئالغۇغا ئېلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىنقى يىللاردا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەن جازاسىدىن ئاساسلىق ۋاستە سۈپىتىدە پايدىلىنىشى خىتاي ئىچىدىكى ھەم خەلقئارادىكى جامائەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. بۇ تەنقىدلەر نەتىجىسىدە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوراق جەريانىنى سىنئالغۇغا ئېلىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنسىتىرلىقىنىڭ خادىمى خې تىڭ، سوراق جەريانىنىڭ سىنئالغۇغا ئېلىنىشى، جىنايەت گۇماندارلىرىنى قىيناش ئارقىلىق ئىقرار قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەسسە قوشۇشى مۇمكىن، دېدى. ئەمما ئۇ يېتەرلىك پۇلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، نامرات رايونلاردىكى ساقچى ئىدارىلىرىنىڭ سىنئالغۇ ئۈسكۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى قىيىن دەپ كۆرسەتتى.
بەزى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، خىتاي جامائەت خەۋىسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، قاتىللىق ۋە تەشكىللىك جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ سوراق جەريانىنىڭ سىنئالغۇغا ئېلىندىغانلىقى تەكىتلىنىپ، سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ تىلغا ئىلىنمىغانلىقى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سىياسىي تۇتقۇنلارغا تەن جازاسى بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىڭ بىر بىشارىتى دەپ كۆرسەتمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە 1996 - يىلى خەلقئارا تەن جازاسىغا قارشى كېلىشىمگە قول قويغان بولسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بولۇپمۇ سىياسىي جىنايەت گۇماندارلىرىغا تەن جازاسى بېرىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى بولۇپمۇ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى ۋەھشىي قىيناش ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىدىكەن.
ئۆتكەن يىلى تۇنجى قېتىم خىتاي، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمىلەرنى زىيارەت قىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەن جازاسىغا قارشى كومىتېتىنىڭ رەئىسى دوختۇر مانفرد نوۋاك، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مەھبۇسلارنى توك بىلەن قىيناپ، ئۇرۇپ، ئۇخلاتماي قىينىغانلىقىنى ئېنىقلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆتكەن يىلى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قىيىن-قىستاقلىرى نەتىجىسىدە ئۆز ئايالىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېتراپ قىلىپ، ئون يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، ئايالىنىڭ تىرىك پەيدا بولۇشىدىن كېيىن، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ مەسىلىسى خىتاي تۈرمىلىرىدىكى تەن جازاسى توغرىسىدا ھەم خىتاي ئىچىدە ھەمدە خەلقئارادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتايدىن ياڭ جيەنلىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- ليۇ رېنۋېن: خىتايدا يىلىغا ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 8 مىڭ ئادەم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
- ساقچىخانىلارغا جەرىمانە ئېلىش كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈش چەكلەندى
- كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارلىرى: تەن جازاسى قوبۇل قىلىنمايدىغان قىلمىش
- تەن جازاسىنى تەكشۈرگۈچى خادىمى خىتاي زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا