ئامېرىكىدا چىقىدىغان نيۇيورك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى دىكابىر ئىيىدا شەنۋىي شەھىرى يېقىندىكى دۇڭجۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن باستۇرۇش ۋەقەسىنى تېخىچە يوشۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.
يېزا ئاھالىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 300 كىشى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن شۇنداقلا يەنە نۇرغۇنلىغان كىشى ئىز-دىرەكسىز غايىب بولغان. لېكىن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرى بۇ ۋەقە ھەققىدە يا ناھايىتى ئاز ئۇچۇر بەرگەن ۋەياكى ۋەقە توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يۈز بەرگەن بۇ قانلىق ۋەقە توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىغا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقان.
ھوۋارد فرنچ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى، دۇڭجۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە بەرگەن چەكلىك ئۇچۇرلىرىدا پەقەت يېزا ئاھالىسنى ئەيىبلىگەن ھەمدە گەرچە ۋەقەدىن ئالتە ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ قانلىق باستۇرۇش ھەققىدە ھېچقانداق رەسمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغان.
ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى باستۇرۇش ھەققىدە رەسمىي تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىش ئورنىغا، ئاستا-ئاستا ۋەقە ھەققىدىكى دېلونى يېپىشقا تىرىشىقان . بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا يېزا ئاھالىسىدىن 19 كىشىنى جىم-جىت ئوچۇق سوت قىلىپ، ئۇلارنىڭ 7 سىنى ئاممىنىڭ تەرتىپىنى بۇزۇپ قالايمىقانچىلىق چىقارغان ۋە ساقچىلارغا پارتلاتقۇچ دورىسى بىلەن ھۇجۇم قىلغان دېگەنگە ئوخشاش جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنى ئۇزۇن مۇدەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. لېكىن سوتنىڭ قارارىدا ۋەقە جەريانىدا ئادەملەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ھېچ نېمە دېيىلمىگەن.
ھوۋارد فرنچنىڭ نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، سوتنىڭ قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن يېزا ئاھالىسى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خۇسۇسى سۆھبەتلەردە ۋەقە جەريانىدا ئۈچ كىشىنىڭ ئۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، ئەمما ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئۇلارنى بۇنىڭدىن كۆپ ئادەم ئۆلگەنلىكى توغرىسىدا ھېچكىمگە ئۇچۇر بەرمەسلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (قانات)