سىنگاپور " بوغاز ۋاقتى" گېزىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى مۇخبىرى چېڭ شياڭنىڭ سوتى سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە تاماملاندى. لېكىن سوت مەھكىمىسى چېڭ شياڭ ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمىنى ئېلان قىلمىغان.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى چېڭ شياڭنى تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلغان، دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئۇ، 2005 - يىلى 4 - ئايدا گۇاڭجۇدا جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ سابىق رەھبىرى جاۋ زىياڭغا دائىر بىر ماتېرىيالنى تاپشۇرۇۋالماقچى بولغاندا قولغا ئېلىنغان ئىدى.
جۇڭگو دائىرىلىرى چېڭ شياڭ دىلوسىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ سوتلىنىش جەريانىنى ھازىرغىچە مەخپى تۇتۇپ كەلدى. لېكىن چېڭ شياڭ تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى رەت قىلماقتا. چېن شياڭ دىلوسىغا چېتىلىپ قالغان جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى لۇ جيەنخۇا، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ چارشەنبە كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىشقا باشلىدى. سوت مەھكىمىسى سوتنىڭ يېپىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، لۇ جيەنخۇانىڭ ئايالىنىڭ سوتقا قاتنىشىشىنى رەت قىلغان.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ چېڭ شياڭنى سوتلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى. باياناتتا، چېڭ شياڭ ئۈستىدىن " جىنايەتچى، دەپ ھۆكۈم ئېلان قىلىش ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ " دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)