شېنجېن شەھىرىدە بەش نەپەر سوتچى قولغا ئېلىنغان


2006.11.08

'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ شاڭخەيدىن خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى شېنجېن شەھىرىدە بەش نەپەر سوتچى چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان. بۇنىڭ بىرى شېنجېن ئوتتۇرا دەرىجىلىك خەلق سوتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە باش سوتچىسى پېي خۇڭچۇەن ئەپەندى. قالغان ئۈچىمۇ سوت مەھكىمە باشلىقلىرى، بىرسى پېنسىيىگە چىققان سوتچى. يەرلىك گېزىتلەردىكى خەۋەرلەردە ھازىر بۇنىڭدىن باشقا يەنە، جىنايەت خاراكتېرى مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان 20 نەپەر سوتچىنىڭ چىرىكلىك مەسىلىسى پاش قىلىنماقتا.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى چىرىكلىككە قارشى ئورگاننىڭ ئاگېنتلىرى قولغا ئېلىنغان سوتچى پېي ئەپەندىنىڭ ئۆيىدىن 27 مىليون يۇەن نەق پۇلنى تېپىپ چىققان. پېي ئەپەندى بۇ نەخ پۇللارنى ئۆيىدىكى توڭلاتقۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئالتۇن بېلىق باقىدىغان ئەينەك كۆلچەك قاتارلىقلارنىڭ تېگىگە ۋە تەرەتخانىغا يوشۇرغان ئىكەن. بۇيىل 6 ‏-ئايدا پاش قىلىنغان بىر ماتېرىيالدا، مەزكۇ رشەھەردىكى گۇمران بولغان شىركەتلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدىغان بىر سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ تىڭخۇا قولغا ئېلىنغاندا، ئۇنىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچىگە يوشۇرغان نەق پۇلنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ سانىلا بىر نەچچە يۈز مىڭ دوللارغا يەتكەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.