خىتايدا 110 شەھەر سۇ كەمچىللىك ئاپىتىگە ئۇچرىماقتا

خىتايدىكى 669 شەھەر ئىچىدە 400 شەھەردە سۇ بىلەن تەمىنلەش ياخشى ئېلىپ بېرىلمىغان بولۇپ، بۇ خىتايدىكى٪ 60 شەھەرنىڭ سۇ بىلەن ياخشى تەمىنلىنەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى، سۇ ئىشلىرى مىنىستىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتايدىكى ئاھالىسى بىر مىليوندىن ئاشىدىغان 30 شەھەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتىن بېرى سۇدىن ياخشى تەمىنلىنەلمەيۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن 30 مىليون ئاھالىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت سۇ كەمچىللىك ئاپىتىگە دۇچ كەلگەنلىكتەك خۇلاسىنى چىقىرىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، مەزكۇر مىنىستىرنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، خىتايدا 300 مىليون ئادەم ئۆلچەمگە توشمىغان پاسكىنا سۇ ئىستىمال قىلىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندىمۇ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا، شەرق ۋە غەربىي رايونلىرىدا 60 مىليون دېھقان پاسكىنا سۇ ئىستىمال قىلغانلىقتىن ھەر تۈرلۈك جىددى كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا 2030 - يىلى خىتاينىڭ ئاھالىسى 1 مىليارد 600 مىليونغا يېتىپ، سۇ ئىشلىتىش مىقدارى 700 مىلياردتىن 800 مىليارد كۇپ مېتىرغىچە بولىدىكەن.

خىتاي سۇ ئىشلىرى مىنىستىرى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئەگەر سۇ ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ياخشى قوغدالمىسا، خىتاينىڭ كەلگۈسىدە سۇسىزلىق تەھدىتىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. (ئەقىدە)