رۇسىيە خىتايدىكى سۇ بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن 10 مىڭ ئاھالىسىنىڭ سۈيىنى توختاتتى


2005.12.21

رۇسىيە دائىرىلىرى، خىتايدا بۇلغانغان دەريا سۈيىنىڭ رۇسىيە تېرىتورىيىسىدىكى ئامۇر دەرياسىغا ئېقىپ كىرىشى سەۋەبىدىن، چارشەنبە كۈنى خاباروۋىسكىدىكى 10 مىڭ ئاھالىنىڭ سۇ تەمىناتىنى توختاتتى. لېكىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە، خابورىۋىسكىدىكى بارلىق 580 مىڭ ئاھالىنى تۇرۇبا سۇلىرىنى ئىشلەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇلغانغان سۇنىڭ دائىرىسىى 180 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، بۇنىڭ خاباروۋىسكى رايونىدىن ئۆتۈپ بولۇشىغا ئاز دېگەندە 4 كۈندىن بىر ھەپتىگىچە ۋاقىت كېتىدىكەن.

13‏- نويابىر كۈنى خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى جىلىن نېفىت-خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، تەخمىنەن 100 مىڭ توننا زەھەرلىك بېنزىن سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىغا قويۇلۇپ كەتكەن ئىدى. بۇ دەريا رۇسىيىدە ئامۇر دەرياسىغا قويۇلغاچقا، زەھەرلىك بۇلغانغان سۇ رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقتىكى خاباروۋسكى رايونىدا ياشايدىغان ئاھالىلەرگە تەھدىت ئېلىپ كەلدى.

نۆۋەتتە خاباروۋسكىدىكى ئاھالىلەر نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلتسىي گرادۇس سوغاقتا، تالاغا چىقىپ بوتۇلكىلىق سۇلارنى ئېلىپ كېلىشكە مەجبۇر بولماقتا. بۇ ئارىدا خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى بىر سىنك تاۋلاش زاۋۇتى قالدۇق پاسكىنا سۇلارنى بېيجياڭ دەرياسىغا قويۇپ بەرگەنلىكتىن، سۇنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى 10 ھەسسە ئېغىرلاپ كەتكەن. شۇ سەۋەبتىن خىتاي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى بېيجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيىگە تايىنىدىغان ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنى تۇرۇبا سۈيىنى ئىچمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى ھەمدە بۇ زاۋۇتنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاتتى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.