خىتاي تىبەتنىڭ سۈيىنى خۇاڭخې دەرياسىغا باشلىماقچى
2006.08.01
خىتاي دائىرىلىرى تىبەتنىڭ سۈيىنى خۇاڭخې دەرياسىغا باشلاپ، غەربىي - شىمالدىكى قۇرغاق رايونلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر قانال قېزىش پىلانىنى يولغا قويماقچى. مۇتەخەسسىسلەر، ئۇزۇنلۇقى 300 كىلومېتىرغا يېتىدىغان ۋە تىبەتتىكى يالوڭ، دادۇ، جىنشا دەريالىرىنىڭ سۈيىنى خۇڭخېيغا قايدۇرىدىغان بۇ قانالنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن ئۈچ بوغۇز قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان 25 مىليارد دوللاردىن كۆپ مەبلەغ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش نۇرغۇن تېخنىكىلىق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇش غەربىي - شىمالدىكى قۇرغاق رايونلارنى 50 يىلغىچە سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىكەن. جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ھىدرولوگىيە مۇتەخەسسىسى ليۇ چاڭمىڭ رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بۇ قۇرۇلۇش خۇ جىنتاۋنىڭ قوللىشى ئاستىدا لايىھىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ليۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش 2010 - باشلىنىشى مۇمكىن.
لېكىن بۇ قۇرۇلۇش تىبەت ۋە چاسڭجياڭنىڭ ئېكولوگىيە ۋە مەدەنىيىتىگە تەھدىت سالىدۇ، دېگەن سەۋەبلەر مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرىنى ۋە تىبەتلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا. كانادا برىتىش كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى تسېرىڭ، "ئەمەلىيەتتە تىبەتنىڭ سۇ بايلىقى ناھايىتى چەكلىك ۋە دەريالارنىڭ سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇز قاتلىمى ئازىيىپ ماڭماقتا " دەيدۇ.
سىچۈەن ئۆلكىلىك گىئولوگىيە - كان ئىشلار ئىدارىسىدىكى باش ئېنژىنىر فان شاۋ، بۇ قۇرۇلۇش ئىلمىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن، دەپ تەنقىدلىگەن. ئۇ، جۇڭگو دائىرىلىرىنى بۇ قانالنى ياساشنى قارار قىلىپ بولۇپ، ئاندىن ئۇ قارارنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولۇۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قازاقىستان: جۇڭگو ئىلى - ئېرتىش دەريالىرىنىڭ سۈيىنى قالايمىقان ئىشلەتمەكتە
- قازاقىستان: جۇڭگو ئىلى ۋە ئېرتىش دەريالىرىنىڭ سۈيىنى ئىسراپ قىلماقتا
- تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟(2)
- سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىنىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن جىلىن نېفىت خىمىيە شىركىتىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى
- خاباروۋسكى ئاھالىسى زەھەرلىك سۇنىڭ شەھەرگە يېتىپ كېلىشىنى ئەندىشە بىلەن كۈتمەكتە