بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتايدىكى بۇلغانغان سۇ مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى


2006.11.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

سەيشەنبە كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئەلېسانچۇئا تىسوت ئالەسساندرا تىسوت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتايدىكى بۇلغانغان سۇ مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، " خىتايدا ھازىر بۇلغانغان سۇنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ، ئەھۋال ناھايىتى ئېغىر ھالەتكە يەتتى، شۇنداقلا ھازىر خىتايدا سۇ ھەدىدىن كۆپ ئىشلىتىلگەنلىكتىن، دەريا ‏- ئېقىنلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى قۇرۇپ كەتتى" دەپ بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە "ھازىر خىتايدا ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن، يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت ساھاسىدىكى ئىشلەپچىقىرىشتا، زور رىقابەتلىشىشلەر يۈز بەرمەكتە. بۇ خىل ئەھۋال سۇنىڭ بۇلغىنىش ھالىتىنى ياخشىلاش ئەمەس بەلكى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەن" دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئەلېسانچۇئا تىسوت ئالەسساندرا تىسوت مەزكۇر يىغىندا يەنە"گەرچە خىتاي ھازىر مۇھىتنىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن بولسىمۇ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە مۇھىتنى ئاسراش مەسىلىسىدە يېتەرلىك چارە -تەدبىرلەر قوللانمىغان ۋە بېسىم ئىشلەتمىگەن" دەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.