فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 26 - مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ جەنۇبى ۋە غەربىي جەنۇبىدىكى 10 مىليوندەك ئاھالە ئىچىملىك سۇ يېتىشمەسلىك ھادىسىسىگە دۇچ كېلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەلۇماتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىللىق يامغۇر مىقدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەبلىك، خىتايدا 9.8 مىليون ئادەم ۋە 9.1 مىليون مال-چارۋا سۇ قەھەتچىلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن.
خىتاينىڭ سىچۈ|ئەن، گۇيجۇ، خۇنەن، يۈننەن، خەينەن، گۇئاڭشى، قاتارلىق ئۆلكە رايونلىرىدا، بۇ يىل باھاردىكى يامغۇر مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن ۋە تېمپېراتۇرا دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى بولغان.
چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۇ يۈزى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن سەنشيا (ئۇچ بوغۇز) بوغۇزىنىڭ توك چىقىرىش ئىقتىدارى ھەققىدە ئەندىشىلەر پەيدا بولۇشقا باشلىغان.
خىتايدا ئۆتكەن يىلمۇ غەربىي جەنۇبتىكى قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئوخشاش بىرقاتار جىددىي ھاۋا ئۆزگىرىشلىرى بولغان بولۇپ، خىتايدىكى نوپۇزلۇق مېترولوگىست بۇلارنى ھاۋا كىلمات ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىماقتا.
چاڭجياڭ دەرياسى سەنشيا بوغۇزىغا قۇيۇلاتتى. توسما تاماملانغاندىن كىيىن بۇ رايونلاردىكى ئاھالە كۆچۈرۈلگەن ۋە نۇرغۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشتۇرۇلغان ئىدى. (جۈمە)