مۇتەخەسسىسلەر چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز دەرىجىدە بۇلغانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

خىتايدا سۇ مەنبەلىرىنىڭ بۇلغىنىشى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا. ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتايدىكى ئەڭ ئۇزۇن چاڭجياڭ دەريا دىلتىسىدىكى مىليونلىغان ئادەمنىڭ پاكىزە سۇ ھايات تومۇرى ئېغىر بۇلغىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 16 - ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن مەلۇماتىدا خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، مەزكۇر دەريانىڭ 600 كىلومېتىر بۆلىكى ئىنتايىن ناچار ئەھۋالدا بولۇپ، دەريانىڭ تارماق ئېقىنلىرىنىڭ 30 پىرسەنتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان ئىكەن.

چاڭجياڭ دەرياسىدىكى سۇ ئامبارلىرى ۋە كېمە ترانسپورتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇلغىنىش مەزكۇر دەريادىكى سۇ ھايۋانلىرىنىڭ جىددىي ئازلاپ كېتىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشچە، دەريادىكى سۇ مەھسۇلات مىقدارى 1950 ‏- يىلدىكى 427 مىڭ توننىدىن 1990 ‏- يىلدا 100 مىڭ توننىغا چۈشۈپ قالغان.

خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قارمىقىدىكى نەنجىڭ جۇغراپىيە ۋە سۇ تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىسى ياڭ گۈيشەن مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى چاڭجياڭ دەرياسى سۇ ئېكولوگىيسىگە ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن".

چاڭجياڭ دەرياسى خىتايدىكى تاتلىق سۇ مەنبىيىنىڭ 30 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن. (جۈمە)