خىتاينىڭ مۇھىت قوغداش باش ئىدارىسى، خىتاي شەھەرلىرىدىكى % 90 يەر ئاستى سۈيىنىڭ بۇلغانغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خەۋەر كىشىلەرنىڭ خىتايدىكى 3.1 مىليارد كىشىنىڭ ئىچىملىك سۈيى بىخەتەرلىكىگە قارىتا دىققىتىنى تارتتى.
خىتاي مۇھىت قوغداش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ لىجۈن چارشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن دوكلاتىدا، شەھەرلەردىكى يەر ئاستى سۈيى بۇلغىنىشىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بەزى رايونلاردا سۇنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋالى ھەتتا يەر يۈزىگىچە يەتكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، خىتاينىڭ سانائەت زاۋۇتلىرى چىقارغان كېرەكسىز سۇلار ۋە بىر تەرەپ قىلىنمىغان شەھەر پاسكىنا سۇلىرى بىۋاستە دەريا ئېقىنلارغا قويۇپ بېرىلىپ، نەتىجىدە بۇ سۇلارنىڭ يەرگە سىڭىپ كىرىشى نەتىجىسىدە يەر ئاستى سۈيىمۇ بۇلغانغان.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى 20 يىللىق ئىقتىسادىي تېز تەرەققىياتنىڭ مۇھىتقا كەلتۈرگەن زىيانلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. شۇنداقلا كەلگۈسى 25 يىلدا خىتاينىڭ سۇ ۋەزىيىتى يەنە بىر قېتىملىق ئىقتىسادىي ئىلگىرلەشنىڭ بېسىمىغا ئۇچرايدىكەن. (پەرىدە)