پروفېسسور سۇ خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى مىللەتلەرنى تەتقىق قىلىشتا يەرلىك يازما ماتېرىياللارنى ئاساس قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى


2008.01.22

تەيۋەن مەدەنىيەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سۇ جيا خۇڭ ئەپەندى تېبەت مىللىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا "مۇھاجىرەتتىكى مىللەت" ناملىق بىر كىتاب يېزىپ نەشر قىلدۇرغان ئىدى. پروفېسسور سۇ 1 ‏- ئاينىڭ 22 ‏- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا كەلگەندە، مۇخبىرلىرىمىزنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

سۇ جيا خۇڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى تېبەتلەرنى دۇنياغا 'جىن-ئالۋاستى' قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى. ئۇلارنى قولىدىن كېلىشىچە 'يامان'لىدى. ھازىر سۇ ئەپەندى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە خانىمغىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنداق تەلەپپۇزدا مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى سەزگەن. شۇڭلاشقا ئۇ ھازىر بۇنىڭ ئەمەلىيىتىنى بىلمەكچى ئىكەنلىكىنى ئىزھارلىدى.

پروفېسسور سۇ مۇخبىرلىرىمىزنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، تۆۋەندىكى بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

پروفېسسور سۇ 'ئاز سانلىق مىللەت' دېگەن ئاتالغۇنى رەت قىلىدۇ پروفېسسور سۇ مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئالدى بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'ئاز سانلىق مىللەت' دېگەن ئاتالغۇسىنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، چوڭ قۇرۇقلۇقتا 'ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك' دېگەن بىر ئاتالغۇ بار. كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ ئاتالغۇغا تەبىر بېرىپ 'ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك جۇڭگونىڭ مەركىزى' ، 'ھەممە مەدەنىيەت مۇشۇ مەركەزدىن ئەتراپتىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا تارقالغان' دەپ چۈشەندۈرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەتراپتىكى باشقا مىللەتلەرگە مۇشۇ چۈشەنچە بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ‏-‏ دەيدۇ سۇ ئەپەندى، ‏-‏ قەدىمقى زامانلاردا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدا پەقەت ھەر خىل نامدىكى سۇلالىلەر قۇرۇلغان، ئۇ بىرلا مىللەتنىڭ سۇلالىسىمۇ ئەمەس، باشقا مىللەتلەرمۇ بۇ رايوندا سۇلالە قۇرغان، ئەتراپتىكى باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلكتىن باشقا رايونلاردا ئۆزىنىڭ سۇلالىلىرى بولغان. ئەتراپتىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى قەدىمقى زاماندا 'ئاز سانلىق' ئەمەس ئىدى. رىئاللىققا ھۈرمەت قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىنىۋاتقان 'ئاز سانلىق مىللەت' دېگەن ئاتالغۇ توغرا ئەمەس، ئۇنىڭدا بەلكى كەمسىتىش مەنىسى بار.

خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى تەتقىق قىلغاندا يەرلىك يازما تارىخنى ئاساس قىلىش كېرەك

پروفېسسور سۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەرنى تەتقىق قىلىشتا خىتايچە سۇلالە كىتابلىرىدىكى مەلۇماتلارنى ئىشلەتمەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، 'سىنىڭ شەرقىي تۈركستانىڭ، مىنىڭ غەربىي دىيارىم' دېگەن كىتاب 'ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى مەركەز قىلغان خىتاي مەدەنىيىتى' دېگەن كۆز قاراش ئاساسىدا يېزىلغان. سۇ ئەپەندى بۇنداق كۆز قاراشنى رەت قىلىدۇ. ئۇ خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلغاندا، يەرلىك مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ ماتېرىياللىرىنى ۋە ھازىرقى ئەمەليىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى ياقلايدۇ.

'شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىرقىسمى' دېگەن كۆز قاراش توغرا ئەمەس

تەيۋەن مەدەنىيەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سۇ جيا خۇڭ ئەپەندى 'شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىرقىسمى' دېگەن كۆز قاراشنى رەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، 'شىنجاڭ' دېگەن يېڭى چېگرا دېگەن سۆز، بۇ سۆزنىڭ ئۆزىدىنلا ئۇنىڭ 'ئەزەلدىن جۇڭگو بىر قىسمى' ئەمەسلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. خىتاينىڭ تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋىتى بار ، دېيىلسە، ئۇ ئاران 400 يىلىغىلا بارىدۇ، ئەمما تەيۋەن ئۆزى بىر دۆلەت بولۇپ تۇرۇۋاتقىلى ئۇزۇن يىللار بولۇپ قالدى، بۇ بىر نەق ئەمەلىيەت. ئۇ رىئاللىققا ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەتراپتىكى باشقا مىللەتلەرنى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ باستۇرۇۋاتىدۇ

پروفېسسور سۇنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە قارىتا ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ، ئەتراپتىكى باشقا مىللەتلەرنىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ئامېرىكا -خىتاي ئوتتۇرىسىىدىكى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش مۇناسىۋىتىنى باھانە قىلىپ باستۇرۇۋاتىدۇ. )ۋەلى(

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ۋەلىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.