خىتاينىڭ ئايپەرى 1- نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھى پەلەكتە ‏12 مۇقامنى ياڭراتماقچى


2007.10.23

خىتاي دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بۈگۈن دۇنيا مەتبۇئاتىغا ئاي پەرىسى 1- نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى چارشەنبە يەنى 24 - ئۆكتەبىر كەچ سائەت 6 دە قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاينىڭ ئاي شارىنى كۆزىتىشنى مەقسەت قىلغان، مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھىنىڭ راكىتاسىغا 23 -ئۆكتەبىردىن باشلاپ، قويۇپ بېرىلىشكە تۆت مىنۇت قالغىچە ئېنېرگىيە قاچىلىنىدۇ.

خىتاينىڭ شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ مەشغۇلاتى تۆت سائەت داۋام قىلىدۇ.

تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە،خىتاينىڭ ئايغا قويۇپ بېرىلىدىغان ئايپەرى 1- نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھى ئالەمگە چىققاندىن كېيىن ياڭراتماقچى بولغان 30 دىن ئارتۇق ناخشا ‏- مۇزىكىلار ئىچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ئاغزاكى غەيرى ماددىي مەدەنىيەتلەر ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن 12 مۇقاممۇ بار ئىكەن.

خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئالەم تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاي پەرىسى 1-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھ ئوربىتىسىغا كىرگەندىن كېيىنكى 380 مىڭ كىلومېتىرلىق مۇساپىسى جەريانىدا يۇقىرىقى قاچىلانغان مۇزىكىلارنى ياڭراتماقچى بولۇپ، گەرچە خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانچە دىققىتىنى تارتمىغان بولسىمۇ ، مۇقامنىڭ ئالەمدە ياڭرايدىغانلىقى ئۇيغۇرلارنى باشقىچە ھاياجانغا سالغان.

خىتاينىڭ ئاي پەرىسى 1- نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھى ئەگەر غەلىبىلىك قويۇپ بېرىلسە، ئوربىتىسىغا 11 - ئاينىڭ 5 ‏- كۈنىدىن ئىبارەت پىلانلانغان ۋاقىتتا كىرگەندىن كېيىن، ئاي شارى خەرىتىسىنى ئېلىپ، كېلەر يىلى 1- ئاينىڭ ئاخىرلىرى يەر شارىغا قايتۇرۇپ كېلىنمەكچى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.