ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئايپەرى بىر بەلگىلىك سۇنئىي ھەمراھ ھەققىدىكى باھالىرى
2007.10.24
خىتاي 24 - ئۆكتەبىر كۈنى 'ئايپەرى بىر' بەلگىلىك سۇنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'ۋېنخۇيباۋ' گېزىتى خىتاينىڭ گەنسۇدىكى ئالەم بوشلۇقى مەركىزى خىزمەتچىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ "جۇڭگونىڭ 'ئايپەرى بىر' نى 24 سائەت ئۆزلۈكسىز كۆزىتىش ئىقتىدارى يوق. خىتاينىڭ ھازىرقى ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرىدىغان تور سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارى نىشانلىغان دائىرىنىڭ %50 ىگە ئاران يېتىدۇ.
شۇڭلاشقا خىتاي بۇ قېتىم ياۋروپا ، چىلى ۋە ئاۋسترالىيىلەردىكى ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ" دەپ بايان قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بۇ قېتىم 'ئايپەرى بىر' نى 'ئۇزۇن سەپەر ئۈچ' بەلگىلىك راكىتا بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان ئىدى. خوڭكوڭدىكى ھەربىي مۇتەخەسسىس پىڭ كېفۇ ئەپەندى 'بۇنىڭدىن خىتاينىڭ قارا نىيىتىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقىنى كونترول قىلىش قارا نىيىتى ئىنتايىن چوڭ' دېگەن.
ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مۇلاھىزىچسى گوردون كۇكۇللۇ ئەپەندى "بۇ خىتاينىڭ مۇنتىزىم ھەربىي ئىستراتېگىيە ھەرىكىتى، ئامېرىكىغا قارىتىلغان جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ۋە رىقابەت. ئامېرىكا ھازىر ئۆزىنىڭ دۇنيادا ئەڭ چوڭ دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىشى كېرەك" دېگەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ ئايپەرى 1- نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھى پەلەكتە 12 مۇقامنى ياڭراتماقچى
- خىتاي ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىناسىنىڭ كومپيۇتور سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
- ئامېرىكا تەۋقەلىكىدىكى خىتاي ئىنژېنىر جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلدى
- ئامېرىكا خىتايغا ئىلغار تېخنىك ئېكسپورت ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتتى
- خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھغا قارشى لازىر نۇرلۇق قورال سىناق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى
- فرانسىيىدە يادرولۇق ئۆزگۈرۈش تەجرىبىخانىسى قۇرۇش ئۈچۈن 7 دۆلەت ئىمزا قويدى
- ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقىدا 16 يىل ئايلانغان تېلىسكوپنى قۇتقازماقچى
- ئامېركىىنىڭ ئالەم كېمىسى ئالەم بوشلۇقىدا "سالامەتلىك تەكشۈرۈشى"دىن ئۆتتى
- خىتاي ئالەم كېمىسى "مۇقەددەس - 6 " يەر يۈزىگە قايتىپ كەلدى