خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھغا قارشى لازىر نۇرلۇق قورال سىناق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى


2007.01.19

خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئالەم بوشلۇقىدا سۈنئىي ھەمراھغا قارشى لازىر نۇرلۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ، ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ مەزكۇر ئالەم بوشلۇقى قوراللار سىنىقىدىن پەۋقۇلئاددە ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خەۋەرلەرگە قارىغاندا 11 - يانۋار كۈنى خىتاي ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن 1999 -يىلى قويۇپ بېرىلگەن بىر سۈنئىي ھەمراھنى ئېتىپ چۈشۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى باياناتچىسى گوردون جوندروﯤ، "ئامېرىكا خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى قوراللار سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىككى دۆلەتنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا تىنچ مەقسەدلەر ئۈچۈن ھەمكارلىشىش روھىغا خىلاپ، دەپ قارايدۇ " دېدى. ياپونىيە بولسا خىتايدىن بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ياپونىيە ئىچكى كابىنېت سېكرېتارى ياسۇخىسا شىئوزاكى، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى مەخپىي تۇتۇلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا بۇ خىلدىكى سىناقلار ئۇنىڭ مەقسىتىگە قارىتا گۇمان تۇغدۇرىدۇ، دەپ تەكىتلىدى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي ئىۋانوۋ بولسا ئالەم بوشلۇقىنىڭ ھەربىيلەشتۈرۈلىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەنگلىيە بولسا سۈنئىي ھەمرا سۇنۇقلىرى پەيدا قىلىدىغان تەھدىتتىن ئەندىشە قىلماقتا. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقە توغرىسىدا خىتاي تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

لېكىن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەقە توغرىسىدىكى سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.