خىتاي ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ھەمراھغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنىقى توغرىسىدا سۆزلىشىش تەكلىپىگە جاۋاپ بەرمىگەن
2007.01.22
خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى 11 - يانۋار كۈنى سۈنئىي ھەمراھغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئامېرىكا خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي سىنىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتايلار ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەلىپىگە جاۋاپ بەرمىگەن.
"نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى" نىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاي تەرەپنىڭ نېمە ئۈچۈن سۈنئىي ھەمراھغا قارشى قوراللارنى تەرەققى قىلدۇرىدىغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشنى ئۈمىد قىلماقتا. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىغا ئالەم بوشلۇقىدىكى ھادىسىلەر ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادى ۋە تاشقى سىياسەت مەنپەئەتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتتى.
مەزكۇر ئەمەلدار خىتاينىڭ ھەرىكىتى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى كېلىشىمىنىڭ مەقسىتى ۋە روھىغا خىلاپ، دەيدۇ. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى ئەسلىھەلىرىنى قوغداش ۋە مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاينىڭ ھەربىي سىنىقى بوش ھۆكۈمىتىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغاپلا قالماي، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى جوسېپ بايدېن، خىتاينىڭ ھەربىي سىنىقىنى ئىغۋاگەرچىلىك، دەيدۇ لېكىن ئۇ، بۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە بىئارام بولۇش كەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى شۇنداقلا ئالەم بوشلۇقى ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)