خىتاي ھۆكۈمىتى سۈنئىي ھەمراھغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، 23 ‏- يانۋار كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ھەقىقەتەن سۈنئىي ھەمراھغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ھەمدە خىتاينىڭ مەزكۇر مەسىلىدە ئامېرىكا دائىرىلىرىگە خەۋەر يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇندىن ئىلگىرى، گەرچە خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى سۈنئىي ھەمراھغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئامېرىكا خىتاينىڭ مەزكۇر ھەربىي سىنىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەلىپىگە جاۋاب بېرىش بىر ياقتا تۇرسۇن، ھەتتا مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنىمۇ خالىمىغان.

خەلقئارا جەمئىيەت مەزكۇر مەسىلىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كەلمەكتە. بىر قىسىم دۆلەتلەر بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىمەكتە. ئامېرىكىدىكى سىياسىي خادىملار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنى " تەھدىت خاراكتېرلىك ھەرىكەت" دەپ كۆرسەتمەكتە. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سۈنئىي ھەمراھغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ خەلقئارادا ھېچقانداق تەھدىت بولۇپ ھېسابلانماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (مېھرىبان)