خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ھىندىستاننىڭمۇ تەنقىدىگە ئۇچرىدى
2007.02.05
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11- يانۋار كۈنى ئالەم بوشلۇقىدا ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمدە ياپونىيىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ھەتتا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى خىتاينىڭ تەرەققىياتى غەرب ئۈچۈن تەھدىت ئەمەس دېگەن كۆز قاراشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان سىياسەتچىلەر ۋە مۇلاھىزىچىلەرنىمۇ ئويغا سېلىپ قويغان ئىدى. ئۇلار، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئالەم بوشلۇقىدا بىر ھەربىي رىقابەتنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن دەپ بىلدۈرگەن.
دۈشەنبە كۈنى ھىندىستان ھۆكۈمىتىمۇ خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان ھۆكۈمەتلەر سىپىگە قوشۇلدى. رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ ئالەم بوشلۇقى تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ رەئىسى مادھاۋان نايەر دۈشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خەلقئارا قائىدە-قانۇنلارغا خىلاپ، بىز ئالەم بوشلۇقىنى قوراللاندۇرماسلىقىمىز كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق سىناق ئارقىلىق بىر سۇنئىي ھەمراھنى يوقىتىش، ئالەم بوشلۇقىدىكى ئەخلەت مىقدارىنى كۆپەيتىۋىتىدىكەن.
مادھاۋاندىن بۇرۇن ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇكەرجى ئالەم بوشلۇقىنى قوراللاندۇرۇشنى توختىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنداق بىر ھەرىكەت پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
نۇرغۇنلىغان سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالەم بوشلۇقىدا باشقۇرۇلۇدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىقتىسادى كۈچىنى ھەربىي كۈچكە ئايلاندۇرۇش نىيىتى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينى بىر تەھدىت دەپ قارىماسلىق كېرەك، دېگەن كۆز قاراشنى بىكار قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى ئالەم بوشلۇقى رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى
- ئالەم بوشلۇقىدىمۇ خىتاينىڭ ئەخلەتلىرى لەيلەيدۇ
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ھەمراھغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنىقى توغرىسىدا سۆزلىشىش تەكلىپىگە جاۋاپ بەرمىگەن
- خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھغا قارشى لازىر نۇرلۇق قورال سىناق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى
- خۇجىنتاۋنىڭ ھىندىستان زىيارىتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنىدە