خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە سۇنئىي ھەمراھقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىش پىلانى يوق


2007.02.12

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە سۇنئىي ھەمراھقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىش پىلانى يوق، دېدى.

ياپونىيىنىڭ كىيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۋاڭ چۈئەن ياپونىيىنىڭ سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى فۇكۇشىرو نۇكاگاغا "بىزنىڭ قايتا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىش پىلانىمىز يوق" دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى، 11‏- يانۋار كۈنى ئېلىپ بارغان سۇنئىي ھەمراھقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنىقىنى ئىككى ھەپتە كېيىن ئېتىراپ قىلغان ئىدى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئالەم بوشلۇقىنى قوراللاندۇرۇشقا قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالەم بوشلۇقىدا ئېلىپ بېرىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ، ئالەم بوشلۇقىنى قوراللاردىن خالى تۇتۇش ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالەم بوشلۇقىدا ئېلىپ بېرىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى تەنقىد قىلغان نۇرغۇن دۆلەتلەر، بۇ سىناق نەتىجىسىدە ئالەم بوشلۇقىدا پەيدا بولغان ئەخلەتلەرنىڭ سۇنئىي ھەمراھلارنىڭ پائالىيىتىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئالەم بوشلۇقىدا ئېلىپ بېرىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى، خەلقئارا جامائەتتە خىتاينىڭ نىيەت ۋە مەقسەتلىرى ھەققىدە نۇرغۇن مۇنازىرىلەرنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ سىناق ھەتتا غەرب دۆلەتلىرىدىكى، خىتاينىڭ ئىلگىرىلىشىنىڭ دۇنيا ئۈچۈن ھېچقانداق سەلبىي تەسىرى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان گۇرۇپپىلارنىمۇ، ئەندىشىلەندۈرگەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.