بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ سابىق خادىمى، خىتاي مەسىلىسى مەسلىھەتچىسى مايكېل پىللسبۇري ئامېرىكا دۆلەت كونگىرىسى مەسلىھەتچىلەر يىغىندا، ئۇچ خىتاي كونسۇلىنىڭ ئايرىم-ئايرىم 3 پارچە كىتاب يېزىپ خىتاينىڭ ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرمايلا سۇنئىي ھەمراھقا قارشى قوراللارنى ئىشلىتىشنى ھىمايە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
مايكېل پىللسبۇري كونگىرىستا گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ مۇنداق دەيدۇ " ئامېرىكىنىڭ ئوربىتىدىكى خىتاينىڭ ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى دائىرىسىگە چۈشۈپ قالغان نەچچە ئون سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ ئورنىغا يەنە زاپاس سۈنئىي ھەمراھلارنى قانچە تىز ھاۋاغا چىقارالايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن".
بۇ يىل يانۋاردا، خىتاي ئۆزىنىڭ كاردىن چىققان بىر سۈنئىي ھەمراسىنى باشقۇرۇلدىغان بومبىدا ئېتىپ چۈشۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ۋە سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىمۇ سۈنئىي ھەمراھىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان .
لېكىن خىتاي ئوربىتىدا باشقا سۈنئىي ھەمراھلارغا دەخلى قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ناھايىتى كوپ قالدۇق قالدۇرغان دۆلەت. مايكېل پىللسبۇرينىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھقا قارشى قوراللار تىرىشچانلىقىنى مۆلچەرلىمەك بەك تەس ئىكەن. (جۈمە)