ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ يىللىق 15 مارت يالغان ماللارغا زەربە بېرىش كۈنىنىڭ ئالدىدا 2006 - يىلىدا بايقالغان ساختا تاۋار ماللارنى ئېلان قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىشىچە ئېلان قىلىنغان چوڭ ئون خىل تۈرلۈك ساختا تاۋارنىڭ 70% تىنى ئاساسەن يېمەك ئىچمەك ھەمدە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئىگىلەيدىكەن.
ئېلان قىلىنىشىچە ،ئۇيغۇر ئېلى بازارلىرىدا بايقالغان ئۆلچەمسىز ،ساختا يېمەك ئىچمەك تۈرلىرى ئىچىدە بولۇپمۇ ئۆسۈملۈك يېغى ، قانۇنسىز پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۈرۈچ، ھەمدە ناھايىتى كۆپ خىل ماركىلىق ھاراق تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر بولۇپ، بازار باشقۇرۇش، سۈپەت تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنغان بۇ خىلدىكى توۋارلارنىڭ قىممىتى يەتتە مىليون تۆت يۈز مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن.
يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆي زىننەتلەش بويۇملىرى بازارلىرىدىمۇ نۇرغۇن قالايمىقانچىلىق مەۋجۇت بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشلەنگەن ساختا ماتېرىياللار ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلمەكتە.
بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا گەرچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۈپەت تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ساختا ماللارغا زەربە بەرگەندە بازارغا سېلىنغان تاۋارلارنىڭ قانۇنلۇق رەسمىيىتى سۈپەت ئۆلچەملىرىگە قاتتىق تەلەپ قويۇۋاتقان بولسىمۇ ، مۇسۇلمان ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىۋاتقان بازاردىكى ساختا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرگە زەربە بېرىشقا ھەمدە مەخسۇس بۇ تۈر بويىچە قاتتىق تەلەپ بويىچە تەكمۇناسىۋەتلىك ماقالىلارشۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەي كەلمەكتە ئىكەن.(گۈلچېھرە)
