خىتاي ھۆكۈمىتى يالغان سۈت پاراشوكى دېلوسى بىلەن ئىككى ئادەمگە ھۆكۈم ئېلان قىلدى

خىتاي سوت دائىرىلىرى، پەيشەنبە كۈنى خىتاينى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئەنخۈي ئۆلكىسى فۇياڭ شەھىرىدىكى ساختا سۈت پاراشوكى دېلوسىغا ئالاقىدار ئىككى كىشىگە ھۆكۈم ئېلان قىلدى. جاۋابكارنىڭ بىرىگە سەككىز يىللىق، يەنە بىرىگە بولسا بىر يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى ۋە مىڭ يۈەندىن مىڭ بەش يۈز يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئەنخۈي ئۆلكىسىنىڭ فۇياڭ شەھىرىدە ناچار سۈپەتلىك سۈت پاراشوكىنى ئىستېمال قىلىنغانلىقتىن، 12 بالىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ مەلۇماتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، دېلودا 50 تىن ئارتۇق بالىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، نەچچە يۈز بالىنىڭ يىتىلىشىنىڭ نورمال بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . مەزكۇر ۋەقەگە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىمۇ چېتىشلىق چىققان.

فۇياڭ شەھىرىنىڭ بىر ناھىيىسىدىكى ساختا سۈت پاراشوكىنى ئىچكەنلىكتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بوۋاقلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئىلگىرى بۇ مەسىلە ئۈستىدىن ھۆكۈمەتكە ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما پارىخور ئەمەلدارلار قارا نىيەتلىك زاۋۇت ئىگىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ساختا سۈت پاراشوكىنى داۋاملىق ساتقان.

تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ ئىنىقلىشىچە،خىتاينىڭ يەتتە ئۆلكىسىدىكى 141 زاۋۇت ساختا سۈت پاراشوكى ئىشلەپچىقىرىدىكەن. بۇ خىل سۈت پاراشوكى ئاساسلىقى كراخمال بىلەن سۇدىن ياسالغان بولۇپ، ھېچقانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق بولمىغاچقا، بوۋاقلار ئىستېمال قىلغاندىن كىيىن ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىكتىن ئۆلىدىكەن.

چەتئەل مەتبۇئاتلىرى، بۇ دېلونىڭ خىتايدىكى يېمەكلىكلەر تازىلىقىنى نارازەت قىلىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئىنتايىن مۇكەممەلسىزلىكىنى، يېمەكلىكلەر تازىلىقىدا ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۈتلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)