تەيۋەن ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزدى

تەيۋەن سەيشەنبە كۈنى يەنە بىر قېتىم خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىنى قىياس قىلغان ھەربىي مەشىق ئېلىپ بارغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق ھەربىي مەشىق تەيۋەن تېلېۋىزىيەسىدە نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مانېۋىر قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن لازېر نۇرلۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ۋە تانكا بىلەن قۇرۇقلۇقتىكى نىشانغا ئوق ئېتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

تېخى بۇنىڭ ئالدىدىلا، خىتايمۇ تەيۋەندىن 160 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قارشى قىرغاقتا ئوخشاش تىپتىكى ھەربىي مەشىق ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي يېقىندا يەنە،كۈرەشچى ئايروپىلان، سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە ھەرخىل قوراللارنى كۆپەيتىش ئارقىلىق تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىنى ئاشۇرغان.

خىتاي، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرىدىغان بولۇپ، تەيۋەنگە ئىزچىل تۈردە ئەگەر مۇستەقىللىق يولىنى تاللىسا، قورال كۈچى ئىشلىتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت قىلىپ كەلدى.

بۇ ئارىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى كرىزىس سەۋەبىدىن بۇ رايونغا ئىككىنچى ئاۋىئاماتكىسىنى ئەۋەتىدىغانلىغىنى جاكارلىدى.(پەرىدە)