تەيۋەن ھاۋا ئارمىيىسى خىتايغا قارشى تۇرۇش كۈچىنى كۆرسەتتى

سەيشەنبە كۈنى تەيۋەن ئارمىيىسى ئامېرىكىدىن سېتىپ ئېلىنغان پاراخوتلارغا قارشى ئېتىلىدىغان "ھارپوئون” ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئېتىپ سىناق قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن ھاۋا ئارمىيىسى، ف 16 ئۇرۇشچى ئايروپىلانىنىڭ مەشىق جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ "ھارپوئون” ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى بىر پاراخوتقا ئېتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن سىن`ئالغۇ لېنتىسىنى مۇخبىرلارغا كۆرسەتكەن. لېكىن، بۇ سىناقنىڭ قاچان ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن.

تەيۋەن ھاۋا ئارمىيىسى قوماندانلىرىدىن پولكوۋنىك لىن كىڭشىڭ، تەيۋەن ھاۋا قىسىملىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئىلغار، ھاۋادىن ھاۋاغا ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ھېسابلانغان ئىم 120 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن قوراللانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تەيۋەن ھۆكۈمىتى -2000 يىلى، خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيە دىن AA 12 تىپتىكى ھاۋا دىن ھاۋاغا ئىتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىتىۋالغاندىن كىيىن، ئامېرىكىدىن 120 دانە AIM 120 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىتىۋالغان. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېخى ئۆتكەن يىلى بۇ قوراللارنى تەيۋەنگە ئەۋەتىپ بەرگەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن قوراللىق قىسىملىرى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر ھەربىي مانىۋېرنىمۇ باشلىۋەتتى. (قانات)