تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبىيەن -8ئاينىڭ ئاخىرلىرى پانامادىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ھاۋايى شتاتى ۋە سىئاتۇل شەھىرىدە توختاپ ئۆتىدىكەن. شۇنداقلا بۇنىڭ، ئىككى قىرغاق ۋەزىيىتىدە يەنە داۋاملىق جىددىيلىك پەيدا قىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارك چېن، چېن شۈيبىيەننىڭ ھاۋايى ۋە سىئاتۇلدىكى مەزگىلىدە ئامېرىكا سىياسىيونلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى چېن شۈيبىيەننىڭ ئامېرىكىغا قىلىدىغان ھەرقانداق زىيارىتىگە قارشى تۇرىدىغان بولۇپ، ئىلگىرىمۇ بۇ ھەقتە، ئىزچىل تۈردە ئامېرىكىغا بېسىم ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر جۇڭگو پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، ئەمما ئۇ ھازىرغىچە تەيۋەننى قورال-ياراق بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىپ كەلدى.(پەرىدە)