يۇۋ شىكۈن خىتاينى رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى

تەيۋەن مەمۇرىي پالاتاسىنىڭ باشلىقى يۇۋشىكۈن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كۆپ قېتىم تىنچ ئوكيان رايونىغا تەكشۈرگۈچى پاراخوتلارنى ئەۋەتىپ، كەلگۈسىدە ئامېرىكا بىلەن يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان توقۇنۇشلارغا تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇۋشىكۈن بۇ سۆزنى يەكشەنبە كۈنى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ نيو-يورك شەھىرىدە توختاپ ئۆتكەن مەزگىلدە ،تەيۋەن مۇھاجىرلىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ئېيتقان.

ئۇ،تەيۋەن ئاخبارات دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى تەكشۈرگۈچى پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تېررىتورىيىسىگە14 قېتىم يېقىنلاشقانلىقىنى، نۇرغۇن قېتىم تەيۋەننىڭ دېڭىز تېررىتورىيىسىگە بېسىپ كىرگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ئۇ شۇنداقلا يەنە خىتاينىڭ يۇقىرىقى ھەرىكەتلىرىنى "ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ھەربى مەۋجۈدىيىتىگە قارشىلىشىپ ئېلىپ بارغان" دەپ ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەندىكى ئىشخانىسىنىڭ رەئىسى ۋىلىيام بوروۋىنمۇ يەكشەنبە كۈنى تەيۋەن باش مىنىستىرى يۇۋشىكۈن نۇتۇق سۆزلىگەن پائالىيەتكە قاتناشقان. (ئارزۇ)