تەيۋەن تەرەپ، يېقىندا ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھەربىي مانېىۋىرنى بىكار قىلدى
2004.08.31
تەيۋەن دائىرلىرى، 9 - سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزمەكچى بولغان، خەنگۇاڭ ھەربىي مانېۋىرنى بىكار قىلدى .
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى جېشىڭ، سەيشەنبە كۈنى، خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ دوڭشەن ئارىلىدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان مانېۋىرنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، تەيۋەن تەرەپمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن، ئەسلى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان خەنگۇاڭ ھەربىي مانېۋىرىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكالىدى .
لى جېشىڭنىڭ بىلدۈرىشىچە، تەيۋەن تەرەپ،خىتاي قۇرۇقلىقىغا ئائىت توپلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بۇ قارارنى بەرگەن بولۇپ، مەزكۈر قارارنىڭ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن .
تەيۋەن ھۆكۈمىتى ھەربىي مانېۋىرنى بىكار قىلىشنى جاكالاشتىن بىر كۈن بۇرۇن، بىر قىسىم مۈتەخەسسسلەر، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مانېۋىرنى بىكار قىلىشىدىكى سەۋەپنى، ئامېرىكىدا دوڭشەن مانېۋېرى ھەققىدە غۇل- غۇلا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەپ قارىغان ئىدى .
تەيۋەن پرىزدىنتى چېن شۇيبيەنمۇ، ئوتتۇرا ئامېرىكىغا قاراتقان زىيارىتىدىن بۇرۇن، ئۆزى ئولتۇرغان مەخسۇس ئايرۇپىلاندا ھەربى مانېۋىرنى بىكار قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق بەرگەن ھەمدە تېنچلىق پىرىنسىپى ئاساسىدا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن . (ئەقىدە)