خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشىنى ئەيىبلىدى
2004.09.01
خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوۋ ۋېنجوڭ چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ھەرىكىتىنى ئەيىپلەپ، بۇنىڭ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رويتېرىس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جوۋ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا بۇنىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، رايوننىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
جوۋ ۋېنجوڭ سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشىدىن باشقا يەنە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئەيىپلىشى ۋە خوڭكوڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى توسالغۇلار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئۇ يەنە، ئامېرىكىدا جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پرېزدېنت سايلام رىقابىتى ئۈستىدىمۇ توختۇلۇپ، بۇ قېتىملىق سايلام رىقابىتىنىڭ ئېنىق چۈشەندۈرۈش بېرىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
جوۋنىڭ بۇ سۆزلىرى دۈشەنبە كۈنىدىكى ئامېرىكا دۆلەتلىك جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا چىققان خىتايغا ئانچە دوستانە بولمىغان سۆز ئىبارىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشىگە يول قويالمايدىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ئائىت مەزمۇنلار كۆرسىتىلگەن ئىدى. (پەرىدە)