تەيۋەن دائىرىلىرى ئۈچ كىشىنى خىتايغا ئىشپىيونلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ تۇتتى

تەيۋەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئۈچ نەپەر تەيۋەنلىكنى خىتايغا ئىشپىيونلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، قولغا ئالدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا سودا قىلىدىغان خۇپىڭ ئىسىملىك تىجارەتچى تەيۋەن ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئىككى نەپەر خادىمى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، تەيۋەننىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىغا دائىر ئاخباراتلارنى توپلىغان.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇنى خىتاي نەنجىڭ ئارمىيە رايونى دائىرىلىرىنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئېلىپ بارغان. تەيۋەن ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى كەچتە بۇ ئۈچ كىشىنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنى مۇناسىۋەتلىك تەپتىش دائىرىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن . ئەمما ھازىرغا كەلگىچە ئۇلار ئۈستىدىن رەسمىي ئەرز سۇنمىغان.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تەيۋەن خەلقى ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن، بىر قىسىم ھەربى ئوفېتسىرلارنىڭ دۈشمەنگە قارشى ھوشيارلىقى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇندىن كىيىن، ھەربى خادىملارنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)