تەيۋەن تەرەپ خىتاينىڭ ھايتىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەركەتلىرىنى يېقىندىن كۈزەتمەكتە


2004.09.07

تەيۋەن، خىتاينىڭ ھايتىدىكى ھەركىتىنى كۈزىتىشتىن ئىلگىرى، خىتاي تەرەپ 125 نەپەر ھۇجۇمدىن مۇداپىئە كۆرۈش ساقچىسىنى، ھايتېدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئىدى .

تەيۋەن بىلەن ھايتى دىپلاوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، تەيۋەن ھايتىغا كەلگەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋەزىپىسىدىن تاشقىرى مەسىللىلەرگە ئارلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلدى .

بۇ ئارىدا خىتايدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار، تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسى دەپ قارايدىغانلىقى، ئەگەر تەيۋەن مۈستەققىلىققە ئۇرۇنسا، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەيۋەنگە قارىتا قورال ئىشلىتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىر سالدى ھەمدە تەيۋەننىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن تاشقى مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا قەتئى قارشى ئىكەنلىگىنى تەكىتلىدى . (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.