خىتاي چېن شۈيبىيەننىڭ "تەيۋەن" ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىش تەلىپىنى ئەيىبلىدى


2004.09.15

خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبىيەن ئوتتۇرىغا قويغان، نۆۋەتتە قوللىنىۋاتقان "جۇڭخۇا مىنگو" دېگەن دۆلەت نامىنى قىسقارتىپ "تەيۋەن" گە ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى ئەيىبلىدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى چېن شۈيبىيەننىڭ، دۆلەت نامىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى بىلەن مۇستەقىللىقنى ئىستەشكە ئۇرىنىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، چېن شۈيبىيەنگە قارىتىلغان ھۇشيارلىقنى ئۈستۈن تۇتۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

چېن شۈيبىيەن بۇ يىل -5 ئايدا تەيۋەن پرېزدېنتلىكىكە قايتا سايلانغان بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ئەمدىلىكتە چېننىڭ، خىتاي بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشىنى ئىپادىلەيدىغان " جۇڭخۇا مىنگو" دېگەن نامنى ئىشلەتمەسلىككە تىرىشىشى، خىتاينىڭ غەزىۋىنى تېخىمۇ قوزغىدى.

بۇنىڭدىن سىرت خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى يېقىندا ماقۇللىغان "خوڭكوڭنىڭ ئەركىنلىكىنى قوللاش" قارارىغىمۇ كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.