چىن شۈيبىيەن: خىتاي ھاكىمىيتىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن باشقىچە ئۈمىد كۈتمەسلىك كېرەك


2004.09.20

تەيۋەننىڭ پرېزىدېنتى چىن شۈيبىيەن، دۈشەنبە كۈنى تەيۋەن خەلقىنى خىتاي ھاكىمىيتىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەردىن باشقىچە ئۈمىدلەر كۈتمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تەيۋەن ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جىياڭ زېمىننىڭ خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، يەكشەنبە كۈنى جىياڭ زېمىندىن بوشانغان خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسلىكى ۋەزىپىسىنى خوجىنتاۋ ئىگىلىدى.

ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھاكىمىيتىدىكى ئۆزگىرىشلەر تەيۋەن ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان. ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەندىكى سودىگەرلەر خوجىنتاۋ تەيۋەن- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشى مۇمكىن, دەپ پەرەز قىلىشىدىكەن.

تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبىيەن ئارمىيە ئوفىتسىرلىرىگە قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قارشى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش تەھدىدىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ تەيۋەن خەلقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتايدىن باشقىچە ئۈمىد كۈتمەسلىكىنى بىلدۈردى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.