جىياڭ زېمىن، تەيۋەنگە قورال ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچمەسلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى
2004.09.21
خىتاي كومپارتىيىسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن جىياڭ زېمىن، بېيجىڭدا ئېچىلغان ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، سۆز قىلىپ، تەيۋەنگە قورال ئىشلىتىشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جىياڭ زېمىن مەزكۇر يىغىندا يەنە، خىتاينىڭ ھەربىي قىسىملىرىدىن كۈتىدىغان بىر قانچە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ تەيۋەن مەسىلىسىدە، ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تىنچلىق بىلەن بىرلىككە كېلىش يولىنى تۇتۇش بىراق قورال ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە سۆز بەرمەسلىكنى ۋە بۇ مەسىلىنى مۇھىم بىر سىياسىي پرىنسىپ دەپ تونۇشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
بۇ ئارىدا تەيۋەن بىرلەشمە خەۋەرلىرى بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلىپ، جىياڭ زېمىننىڭ ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىدىن گەرچە جىياڭ زېمىن ھەربىي ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ خىتاي ئارمىيىسى ئىچىدىكى تەسىرىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ تەيۋەن مەسىلىسىدە سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەقىدە)
- چىن شۈيبىيەن: خىتاي ھاكىمىيتىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن باشقىچە ئۈمىد كۈتمەسلىك كېرەك
- جىياڭ زېمىن خىتاي ئارمىيىسىنى كومپارتىيە ۋە خو جىنتاۋنى قوللاشقا چاقىردى
- بومبا تەھدىدى بىيجىڭ سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىشىنى كېچىكتۈردى
- جاڭ زېمىن، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومېتىتىنىڭ رەئىسلىكىدىن ئايرىلدى
- خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 4 - ئومومىي يىغىنى ئېچىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ياپۇنىيىگە تەھدىد ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- خىتاي چېن شۈيبىيەننىڭ "تەيۋەن" ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىش تەلىپىنى ئەيىبلىدى
- خىتاي رەھبەرلىرى ئارىسىدىكى ھوقۇق كۈرىشىنىڭ مۇقامى يۈكسەلدى
- تەيۋەن تەرەپ خىتاينىڭ ھايتىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەركەتلىرىنى يېقىندىن كۈزەتمەكتە
- تەيۋەن خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىگىلىك ھوقوقىنى قۇربان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى