جىياڭ زېمىن، تەيۋەنگە قورال ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچمەسلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى

خىتاي كومپارتىيىسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن جىياڭ زېمىن، بېيجىڭدا ئېچىلغان ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، سۆز قىلىپ، تەيۋەنگە قورال ئىشلىتىشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىكنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جىياڭ زېمىن مەزكۇر يىغىندا يەنە، خىتاينىڭ ھەربىي قىسىملىرىدىن كۈتىدىغان بىر قانچە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ تەيۋەن مەسىلىسىدە، ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تىنچلىق بىلەن بىرلىككە كېلىش يولىنى تۇتۇش بىراق قورال ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە سۆز بەرمەسلىكنى ۋە بۇ مەسىلىنى مۇھىم بىر سىياسىي پرىنسىپ دەپ تونۇشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بۇ ئارىدا تەيۋەن بىرلەشمە خەۋەرلىرى بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلىپ، جىياڭ زېمىننىڭ ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىدىن گەرچە جىياڭ زېمىن ھەربىي ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ خىتاي ئارمىيىسى ئىچىدىكى تەسىرىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ تەيۋەن مەسىلىسىدە سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەقىدە)