چېن شۈيبىيەن خۇ جىڭتاۋنىڭ ھەربىي تەھدىتنى پەسەيتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2004-09-22
Share

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبىيەن چارشەنبە كۈنى، گەرچە ھەربىي ھوقۇق جىياڭ زېمىندىن خۇ جىڭتاۋغا ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن خۇ جىڭتاۋنى "تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي تەھدىتنى پەسەيتىدۇ" دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چېن شۈيبىيەن كانادا پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ، "جىياڭ زېمىن بىلەن خۇ جىڭتاۋ ھەر ئىككىلىسى تەيۋەنگە قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ" دېدى.

چېن شۈيبىيەن يەنە، كوممۇنىست خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنىڭ ھازىر 600 گە يېتىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنى يىلىغا 50 تىن 70 گىچە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ ئاسىيا تىنچ-ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقىغا بىر چوڭ تەھدىت بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ 16- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى4- ئومۇمىي يىغىنىدا، خىتاي سابىق رەئىسى جىياڭ زېمىن ھەربىي ھوقۇقنى خۇجىڭتاۋغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، تەيۋەنگە قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ھەرگىز ۋاز كېچىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. تەيۋەن مەمۇرىي مەھكىمە باشلىقى يوۋ شىكۈن جىياڭنىڭ سۆزىگە ئاساسەن، تەيۋەننىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل مۇداپىئە كۈچى بولىشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت