تەيۋەن پرېزىدېنتى موڭغولىيىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا مۇستەقىللىقنى تاللىغانلىقىنى مەدھىيىلىدى

تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبىيەن موڭغولىيىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مۇستەقىللىق يولىنى تاللىغانلىقىنى مەدھىيىلىدى ھەمدە تەيۋەننىڭمۇ موڭغۇلىيىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئۆز يولىدا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چىن شۈيبىيەن بۇ سۆزنى پەيشەنبە كۈنى موڭغۇلىيىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتىۋالغاندا قىلغان. ئۇ سۆزىدە يەنە "مەن موڭغۇلىيىنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ئون يىل ئىلگىرى ئومۇمىي خەلق رايىنى سىناش ئارقىلىق، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغدىغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن. بۇ تەيۋەننىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ" دېدى.

خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تەيۋەننىڭ مۇناسىۋىتى چىن شۈيبىيەن قايتا پرېزدېنتلىققا سايلانغاندىن بويان تېخىمۇ جىددىلەشمەكتە. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى چىن شۈيبىيەننىڭ ئىككىنجى قارار ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە، ئومۇمىي خەلق رايىنى سىناش ئارقىلىق تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكالىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (ئارزۇ)