تەيۋەن، ياپونىيەنىڭ نورمال دۆلەتلىك ئورنىغا قايتىپ كېلىشىنى قارشى ئالىدۇ


2004.10.03

تەيۋەن باش مىنىستىرى يوۋ شىكۇن، تەيۋەن ياپونىيەنىڭ نورمال دۆلەتلىك ئورنىغا قايتىپ كېلىشىنى قارشى ئالىدۇ دىدى. ئۇ، ياپونىيەنى ئاسىيا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە تېخىمۇ چوڭ رول ئويغاشقا چاقىرغان. يوۋ شىكۇن يۇقارقى سۆزلەرنى تەيبېيدا چاقىرىلغان "ياپونىيە - تەيۋەن مۇنبىرى - 2004 " ناملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا تەكىتلىگەن. يوۋ شىكۇن، ئامېرىئاكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى "بىخەتەرلىك شەرتنامىسى" ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايۇنىدىكى بىخەتەرلىكنىڭ ھۇل تېشى، ياپونىيە بىلەن تەيۋەن بىخەتەرلىك دىيالۇگى قۇرۇپ، ئامېرىكا - ياپونىيە ۋە تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ : ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە تەيۋەن دىموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەتلەر، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋېتى قۇرۇشى تەبىئىي، شۇنداقلا رايۇننىڭ بىخەتەرلىگى ۋە مۇقىملىقىغا ئۇيغۇن.

يېقىندىن بېرى ياپونىيە ئىچكى كابىنتىدىكى ياپونىيەنىڭ نورمال دۆلەتلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار، ئەتراپتىكى خوشنا دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بىراق تەيۋەن باش مىنىستىرى ياپونىيەنىڭ نورمال دۆلەتلىك ئورنىغا قايتىشىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دىگەن : سوغاق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن خىتاينىڭ كۈچى كېڭىيىشكە باشلىدى. شىمالى كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى تېخى ھەل بولمىدى. خىتاي بىلەن كورىيە شەرقىي- شىمالى ئاسىيا بىخەتەرلىكىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت. يوۋ شىكۇننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ياپونىيە خىتاينىڭ 1996 - يىلدىن بېرى تەيۋەنگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلىشى كېرەك، تەيۋەن بوغۇزىدا يۈز بەرگەن ھەر قانداق توقۇنۇش ياپونىيە مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ياپونىيە 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ياپونىيە ئاساسى قانۇنى ياپونىيەنىڭ چەتئەلگە قوشۇن چىقىرىشىنى چەكلىگەن. ئامېرىكا ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئەسىنى ئۆتكۈزىۋالغان ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.