خىتاي ھۆكۈمىتى چېن شۇيبىيەننىڭ چاقىرىقىنى رەت قىلدى


2004.10.11

خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبىيەننىڭ تەيۋەن دۆلەت بايرىمى كۈنى ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش چاقىرىقىنى رەت قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېنگلىزچە چىقىدىغان خىتاي كۈندىلىك گېزىتى دۈشەنبە كۈنىدىكى سانىدا بۇ ھەقتە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، چېن شۈيبىيەن تەلەپپۇزىنىڭ غۇۋا ۋە سەمىمىي بولمىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ بۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

چېن شۈيبىيەن -10 ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى كۈنى ئىككى تەرەپنى تىنچلىق سۆھبتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغان ئىدى. ئۇ يەنە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئالاقە بولماسلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستېرى شۇ كۈنىلا چېن شۈيبىيەننىڭ تەكلىۋىنى قارشى ئېلىپ، چېننىڭ سۆزلىرىنىڭ قۇرۇلۇش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ھەمدە ئىككى قىرغاقنى ھەرقانداق ئىختىلاپلارنى سۆھبەت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.