خىتاي ھۆكۈمىتى چېن شۈيبىيەننىڭ چاقىرىقىنى رەت قىلدى


2004.10.13

خىتاي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى تەيۋەن پرېزدېنتى چېن شۈيبىيەننىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش چاقىرىقىنى رەت قىلىپ، چېننىڭ ھەققىي مەقسىتىنىڭ يەنىلا تەيۋەننى مۇستەقىل قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى باياناتچىسى جاڭ مىڭچىڭ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، چېن شۈيبىيەننىڭ ئىككى قىرغاق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ سەمىمىي ئەمەسلىگىنى تەكىتلەپ، " چېن شۈيبىيەننىڭ 'جۇڭخۇا مىنگو دىمەك تەيۋەن دىمەكتۇر، تەيۋەن دىمەك جۇڭخۇا مىنگو دىمەكتۇر' دېگەن سۆزىنىڭ ئۆزى ئوچۇق-ئاشكارا مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلغانلىق" دېدى.

جاڭ مىڭچىڭ سۆزىدە يەنە تەيۋەننى ئاگاھلاندۇرۇپ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىنىڭ ئىككى قىرغاق ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىر چوڭ تەھدىت بولىدىغانلىقىنى، چېن شۈيبىيەن ئۆز ئالدىغا بۆلگۈنچىلىك يولىغا ماڭسا، پەقەت ئۆزىگە ئۆزى بالا تېرىۋالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

چېن شۈيبىيەننىڭ 10 - ئۆكتەبىر تەيۋەن دۆلەت بايرىمى كۈنى قىلغان خىتاي بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش چاقىرىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. چېن شۈيبىيەن، خىتاينىڭ بۇ ئىنكاسىدىن ھەيران قالمايدىغانلىقىنى، يەنە بىر ئاز تاقەت قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.