تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سەيشەنبە كۈنى، خىتايغا قارشى ھاۋا مۇداپىئەيىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكىدىن ئىككى دانە E-2T تىپتىكى ئالدىن چارلاش ئايروپىلانى سېتىۋالدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەن، خىتاينىڭ توساتتىن دېڭىز ۋە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 1999 - يىلىدىلا ئامېرىكىدىن ئالدىن چارلاش ئايروپىلانى سېتىۋىلىشنى پىلان قىلغان ئىكەن.
كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئەگەر تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش پارتلىسا، تەيۋەننىڭ ئالدى بىلەن ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش كۈچىنى ئاشۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر تەيۋەن ھاۋا مۇداپىيىسىنى كۈچەيتسە، خىتاي ئۈچۈن ئاسىيا قىتئەسى بويىچە ئەڭ كۈچلۈك ۋە خەتەرلىك ھەربىي رايونغا ئايلىنىدىكەن. (ئەقىدە)