چېن شۇيبىيەن، 2008 يىلى تەيۋەن ئاساسىي قانۇنىنى رەسمىي يوسۇندا بېكىتىدىغانلقىنى ئىلگىرى سۈردى


2004.11.09

تەيبېيدىن كەلگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن، 2008 -يىلى تەيۋەننىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنىنى رەسمىي يوسۇندا بىكىتىدىغانلقىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرغا قويغان.

تەيۋەن 2008 -يىلى يېڭى ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزىدۇ. بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان، تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەن، تەيۋەن ئۆز ھاكىمىيىتىگە ئىگە مۇستەقىل بىر دۆلەت، تەيۋەندە ئۈمىد بار، تەيۋەننىڭ كېلەچىكى نۇرلۇق، شۇڭا تەيۋەن 2008 -يىلى يېڭى تەيۋەن ئاساسىي قانۇنىنى بېكىتىپ چىقىدۇ« دىدى.

چېن شۇبىيەن يەنە، ئۆزنىڭ 2008 -يىلىغىچە ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتىنى تاماملاپ بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تەيۋەن ئۈچۈن ھەقىقى، مۇۋاپىق بىر يېڭى قانۇننىڭ تۈزۈلۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، تەيۋەننىڭ 2008 -يىلى يېڭى ئاساسىي قانۇن تىكلەش پىكرىگە، ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، چېن شۇيبيەننىڭ، ئاساسىي قانۇن ھەققىدە بەرگەن مەزكۇر باياناتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىشى مۇمكىن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.