تەيۋەن يېڭىدىن تۈزىدىغان تارىخ دەرسلىك كىتابىدا ئىككى قىرغاق تارىخىنى ئايرىيدىكەن

تەيۋەن تولۇق ئوتتۇرا تارىخ دەرىسلىك كىتاۋىنى قايتا تۈزۈشكە تەييارلىق كۆرىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا تەيۋەن تارىخىنى خىتاي تارىخىدىن ئايرىپ قويىدىكەن.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى تۈزىلىدىغان تارىخ دەرىسلىك كىتاۋى 2006 - يىلى رەسمىي تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ پۈتۈنلەي تەيۋەن تارىخىنى ئاساس قىلغان.

نۆۋەتتىكى تارىخ كىتاۋىدا تەيۋەن تارىخى بىلەن خىتاي تارىخى ھەر ئىككىلىسى " مەملىكەت تارىخى" غا تەۋەن بولغان بولسا، يېڭى كىتاپتا تەيۋەن تارىخى ۋە خىتاي تارىخى دەپ ئايرىپ تۈزىلىدىكەن.

تەيۋەندىكى ئىككى قىرغاقنىڭ بىرلىكىنى ئىسدەيدىغان قارشى پارتىيە، مائارىپ مىنىستىرلىگى تۈزمەكچى بولغان يېڭى دەرسلىكىنى ئەيىبلەپ، بۇنىڭ "ئەجدادلارنى ئۇنتۇش" ھەمدە مائارىپ ئارقىلىق رەسمىي يوسۇندا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما تەيۋەن مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەبنىڭ پەقەت، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەيۋەننىڭ مەدەنىيەت يىلتىزىنى ۋە سالاھىيىتىنى ياخشى چۈشىنىشىگە ياردەم بولۇشىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. (پەرىدە)