خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ بىرازىلىيىدىكى زىيارىتىدە، تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى


2004.11.16

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ، سەيشەنبە كۈنى بىرازىلىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئارگېنتىناغا قاراپ يولغا چىقتى.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇ جىڭتاۋ بىرازىلىيىدە خىتاي مۇھاجىرلار ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىگەن: "جوڭخۇئا مىللىتى روناق تېپىشى كېرەك، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىشى، بىرلىككە كېلىشى، ۋەتەننىڭ پۈتۈنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەن رايونىنىڭ تېخىمۇ چوڭ تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ".

تەيۋەن پىرېزدېنتى چېن شۇيبىيەن، سەيشەنبە كۈنى خۇ جىڭتاۋنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى زىيارىتى داۋامىدا قىلغان سۆزلىرىدىن، تەيۋەنگە نىسبەتەن دوستانىلىق ئالامەتلىرىنى ھىس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭ بىلەن، چېن شۇيبىئەن ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدە ئىشىكنى چوڭ ئېچىۋىتىشنى تەشەببۈس قىلىش بىلەن بىرگە،ئۆزىنىڭ جوڭخۇئا مىڭگونىڭ 11 - نۆۋەتلىك پېرىزدېنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر قانداق بىرىنىڭ " جوڭخۇئا مىڭگونى" ئېتىراپ قىلماسلىقىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.