خىتاي چېن شۈيبىيەننى مۇستەقىللىق خاھىشى بار دەپ ئەيىپلىدى


2004.11.17

خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى تەيۋەننى ئاگاھلاندۇرۇپ، “"ئەگەر تەيۋەن ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق مۇستەقىللىقنى تەرغىپ قىلىدىكەن، خىتاي بۇنىڭغا قەتئى قارشى تۇرىدۇ" دېگەن.

ئەنگلىيە ب ب س رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى لى ۋېييى چارشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبىيەننى تەنقىتلەپ، ئۇنىڭ ئەزەلدىن تەيۋەننى مۇستەقىل قىلىش ئىرادىسىدىن يانمىغانلىقىنى ھەمدە بۇنى پۇرسەت بولسىلا ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

لى ۋېييى سۆزىدە يەنە، چېن شۈيبىيەننىڭ ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتىنى تەرغىپ قىلىشىدىكى تۈپ مەقسىتىنىڭ تەيۋەننى خىتايدىن ئايرىپ چىقىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر چېن بۇ ئۇسۇلنى قوللانسا، خىتاينىڭ قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىنەزەر بۇنى بىتچىت قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

خىتاي بۇ ئىنكاسلىرىنى چېن شۈيبىيەن يېقىندا قىلغان "تەيۋەن ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە مۇستەقىل دۆلەت. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆزىگە لايىق ۋە ماس كېلىدىغان يېڭى ئاساسىي قانۇنى بولىشى كېرەك" دېگەن سۆزلىرىگە قارىتا ئېلان قىلغان.

لى ۋېييى سۆزىدە يەنە، تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. بىر نەچچە كۈن ئاۋال چېن شۈيبىيەن بۇ يىل، ئىلگىرىكىدەك " جۇڭخۇا مىنگو" ئەمەس، بەلكى " تەيۋەن" دېگەن نام بىلەن ب د ت غا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.