چىن شۈيبيەن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ بىلدۈردى


2004.12.01

تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىغا كاپالەت بېرىپ، تەيۋەننىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنىڭ ھەرگىزمۇ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىلگىرى سۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ سۆزنى تەيۋەننى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا ئېيتقان. چىن شۈيبيەن سۆزىدە يەنە، ئۆزىنىڭ ئىلگىركى ۋەدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى رەسمىي جاكارلىمايدىغانلىقىنى ۋە تەيۋەننىڭ كەلگۈسى تەقدىرى ئۈستىدە ئومۇمىي خەلق رايىنى ئاۋازغا قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن 2006 - يىلى تەيۋەن ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسىدە ئومۇمىي خەلق رايىنى ئاۋازغا قويۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن، خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئۆتكۈرلەشكەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ كەلگۈسىدە ئومۇمىي خەلق رايىنى سىناش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق رەسمىي مۇستەقىللىق جاكالىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. ئەمما چىن شۈيبيەن بۇ قېتىم ئومۇمىي خەلق رايىنى سىناش ئارقىلىق تەيۋەن ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.