ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بىل كلىنتون يەكشەنبە كۈنى تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ، ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى ئالاقىنىڭ كۈچىيىشى ۋە سىياسى كرىزىسنى يۇمشىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كلىنتوننىڭ تەيۋەندىكى زىيارىتى 24 سائەت داۋاملاشقان. ئۇ، زىيارەت جەرياندا تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى شۇنداقلا چېن شۈيبيەننىڭ كلىنتون شەرىپىگە ئۆتكۈزگەن زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلدى. كلىنتون، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەكلىپى بويىچە تەيۋەننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ، تەيۋەن دۆلەت مەجلىسىنىڭ يىغىن مەركىزىدە نۇتۇق سۆزلىگەن.
كلىنتون، دۈشەنبە كۈنى تەيبېيدە "مېنىڭ ھاياتىم" ناملىق ئەسلىمىسىنى تارقىتىش شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ئۇ، دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، بىر جوڭگو سىياسىتىنىڭ تەيۋەننى قوغداپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ سۆز تەيۋەن مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
كلىنتون تەيۋەنگە كېلىشنىڭ ئالدىدا خىتاينى زىيارەت قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش پىلانى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنى خەۋەر قىلىشىچە، كلىنتون تەيۋەن بوغۇزىدىكى كرىزىسنىڭ ھەل بولۇشىغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)