تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى لى دېڭخۈي، تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ پات ئارىدا خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا قەتئىي قارشىلىق بىلدۈردى.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لى دېڭخۈي پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پات ئارىدا خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقىنى زىيارەت قىلماقچى بولغان گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ليەن جەن بىلەن خەلقپەرۋەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى سۇڭ چۇيۈنى خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن بىرلىشىپ، تەيۋەننى سېتىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ دەپ ئەيىپلىدى.
لى دېڭخۈينىڭ قارىشىچە، ئىككى قىرغاق تىنچلىق سۆھبىتى خىتايدا ئەمەس بەلكى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزىلىشى كېرەك ئىكەن. تىنچلىق سۆھبىتىگە خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقى ۋە تەيۋەن قاتناشقاندىن سىرت، يەنە ئامېرىكا ۋە ياپۇنىيىمۇ قاتنىشىشى كېرەك ئىكەن.
لى دېڭخۈي سۆزىدە، ليەن جەن ۋە سۇڭ چۇيۈلەرنىڭ ئىككى قىرغاق تىنچلىق سۆھبىتىنى ئېلىپ بېرىش سالاھىيىتىنىڭ يوقلىقىنى تەكىتلىدى.
خەۋەرگە قارىغاندا، گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ليەن جەن كىلەر سەيشەنبە كۈنى خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىنى باشلايدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا تەيۋەن پاسپورتى بىلەن خىتايغا بېرىش، ئايرۇپىلان ئىجارىگە ئېلىپ بىۋاستە بېرىپ- كېلىش ھەمدە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەش، ئالاھىدە قوغدىغۇچى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق نۇرغۇن ئىمتىيازلارنى بەرگەن. (ئارزۇ)