تەيۋەندىكى يەنە بىر ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ رەھبىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى

تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيە ھېسابلانغان خەلقپەرۋەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى سۇڭ چۇيۈ پەيشەنبە كۈنى شىئەنگە يىتىپ كېلىپ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقىغا قىلىدىغان توققۇز كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۇڭ چۇيۈ شىئەن ئايرۇدرۇمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، " مەنمۇ خىتاي، ئىككى قىرغاقتىكىلەر ئەمەلىيەتتە بىر ئائىلە كىشىلىرى" دېدى. ئۇ سۆزىدە يەنە تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تەيۋەن بوغىزىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇڭ چۇيۈ كىلەر ھەپتە بېيجىڭغا بېرىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرىشىدۇ. بۇنىڭ ئالدىدىلا تەيۋەندىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە بولغان گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ليەن جەن خىتاينى زىيارەت قىلغان ئىدى.

تەنقىدچىلەر، ئۇلارنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان چىن شۈيبيەن ھۆكۈمىتىگە خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقى بىلەن ئەپلىشىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ ئارىدا، ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روبېرت زولىك، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى تەيۋەن خەلقى سايلىغان ھۆكۈمەت بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

ئۇ تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ خىتاي زىيارىتىنى بىر ئىجابىي قەدەم دەپ قارىسىمۇ، بىراق بېيجىڭنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تەيۋەندە بۆلۈنمە ھالەت پەيدا قىلىشىدىن ھەيران قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)