دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسى، سوڭ چۈيۈينى تەيۋەنگە "خىيانەت" قىلىش بىلەن ئەيىپلىدى


2005.05.06

تەنۋەندە ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسى، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنى زىيارەت قىلىۋاتقان تەيۋەن خەلقپەرۋەرلەر پارتىيىسىنىڭ رەئىسى سوڭ چۈيۈينى تەيۋەننى خىتايغا سېتىۋېتىش بىلەن ئەيىپلىدى.

سوڭ چۈيۈ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى زىيارىتى پەيشەنبە كۈنى باشلىغان. ئۇ، جۈمە كۈنى شىئەندىكى شيەنياڭدا خۇاڭدىنىڭ قەۋرتىسىنى تاۋاپ قىلدى. ئەمما تەيۋەن دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى لىي يىياڭ، "ليەن جەن بىلەن سوڭ چۈيۈي تەيۋەننى سېتىۋاتىدۇ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قۇربان قىلماقتا،" دەپ كۆرسەتتى.

لىي مۇنداق دەيدۇ: " ئۇلار جوڭخۇا مىنگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللىي مەنپەئەتىنى قانچىلىك كۆپ قۇربان قىلسا، خىتاينى شۇنچىلىك خوشال قىلىدۇ شۇنداقلا خىتايدىن تېخىمۇ چوڭ مۇكاپاتلارنى ئالىدۇ."

سوڭ چۈيۈ پەيشەنبە كۈنى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى شىئەنگە قونغاندا، تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. لىي يىياڭ سوڭ چۈيۈنىڭ بۇ سۆزىنى تەنقىدلىدى. ئۇ، " سوڭ چۈيۈ، جوڭخۇا مىنگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى،" دەپ كۆرسەتكەن.

سوڭ چۈيۈ، گومىنداڭ رەئىسى ليەن جەندىن كېيىنلا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىنى زىيارەت قىلغان تەيۋەن ئۆكتىچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى. ئۇ، دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭغا بارىدۇ شۇنداقلا بېيجىڭدا خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىپ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆز قىلىدىكەن.

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن، پەيشەنبە كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرى تەيۋەننىئىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تەيۋەن خەلقىنىڭ پاراۋانلىقى شۇنداقلا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلمىسا، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ زىيارىتىگە ئاڭلىق پوزىتسىيە تۇتىدۇ." (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.